پاراكەندىچىلىككە قارشى نىمە قىلىش كىرەك؟

خىتتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا نېمە قىلىش كېرەك؟

مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان بارلىق ئۇيغۇر خەلقى بىزگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ئىرقچى، مۇستەملىكىچى خىتتايلارنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزنى شۇنداقلا بىزنى مىھماندوسلۇق بىلەن كۈتىۋالغان دۆلەتلەرنى، ئورتاق دۈشمەنگە قارشى، قوللاش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ۋەتىنىمىز شەرقې تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى، خەلقى، تىلى، مەدەنىيتى ۋە ئېتقادى بىز ئۈچۈن مۇقەددەس ئامانەتتۇر بىز بىر-بىرىمىزنى قوغداپ، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا جاسارەت ۋە ئىززەت ئۈلگىسى يارىتىش ئارقىلىق بۇ ئامانەتنى ساقلىشىمىز كىرەك. ھەر بىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. بۇ قىرغىنچىلىق بىز بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ئىنشائاللاھ


خىتتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىڭ

ياخشى خاتىرە قالدۇرۇڭ! دۈشمەن ھەققىدە ئىمكانقەدەر كۆپرەك تەپسىلاتلارنى توپلاڭ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويالايسىز

.1

ئۇلار قانداق ئالاقىلاشتى؟ قانداق تېخنىكىلىق ۋاستىلارنى ئىشلەتتى؟ تېلىفۇن نۇمۇرى، ئىلخەت ئادرىسى، ئۈندىدار نومۇرى قاتارلىقلار

.2

ئۇلار قايسى ئىسىم ياكى ئىسىملارنى ئىشلىتىدۇ؟ قەيەرلىكتەك قىلىدۇ؟

.3

ئۇلار سىز بىلەن قاچاندىن باشلاپ ئالاقە قىلىۋاتىدۇ؟

.4

ئۇلارنى تونۇمسىز؟ ياكى ئۇلار ئائىلىڭىزدىكىلەرنى تونۇيمەن دەمدۇ؟

.5

ئۇلار سىز بىلەن قانچىلىك ۋاقىتتا ۋە قانداق ۋاقىتتا ئالاقىلىشىدۇ؟

.6

ئۇلار قايسى تىللاردا سۆزلەيدۇ؟

.7

ئۇلار يېڭى دۆلىتىڭىزدىكى ھاياتىڭىز ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىدۇ؟

.8

ئۇلار قانداق ئۇچۇرلارنى ئىگەللىمەكچى؟ كىم ياكى نىمە توغرىسىدا؟

.9

ئۇلار سىزنى نىمە ئىش قىلدۇرماقچى؟

.10

ئ‍ۇلار سىزگە بىۋاستە ياكى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز ئارقىلىق تەھدىت سالدىمۇ؟

.11

ئۇلار سىزگە پۇل ، مۇلازىمەت ياكى ئىقتىسادى قىممەتكە ئىگە بىر نەرسە بەردىمۇ؟

.12


ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇلارنىڭ سىزگە سالغان بۇ پاراكەندىچىلىكلىرى ياكى تەھدىتلىرى، سىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە جىنايەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، ھەتتا پارا بېرىشكە ئۇرۇنغاندىمۇ جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ. ئۇلار سىزدىن ياشاۋاتقان دۆلىتىڭىزدىكى ياكى باشقا جايلاردىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى، ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلغاندا جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ. يۇقارقى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ خاتىرە قالدۇرغاندىن كىيىن، پروتوندىن ھەقسىز ئېلخەت ھىسابى ئېچىپ، ئاستىدىكى ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى سىزگە مۇشۇ خەتنى يەتكۈزگەن كىشى بىلەن ئالاقە قىلىپ زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇڭ

بىز سىزگە ياردەملىشىپ، ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا سۇنىدىغان كەسپى دوكىلات تەييارلاپ بېرىمىز ۋە خالىسىڭىز كىملىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى مەخپى تۇتقان ئاساستا ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىڭىزغا ياردەم بېرىمىز. خىتتايلار ئۇلارنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۇنى بىلگۈسى بار ئەلۋەتتە

.1

ئەگەر خالىسىڭىز، بىز سىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىڭىزغا ياردەم قىلىمىز ، شۇندىلا بىز بىرلىكتە بۇ جىنايەتچىلەرگە قارشى تۇرالايمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى توختىتالايمىز

.2

ئۆزىڭىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بىز بىرلىكتە بۇ تەھدىد ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز

.3


ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادرىسىمىز

Info.ETRIC@proton.me