نىمە ئىش قىلىمىز


شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش مەركىزى

ئىشىنىمىزكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى كۈچلۈك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەقىقىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئورنىتىش. بىز ئورتاق تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇڭا چوقۇم بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك


بىز ئوچۇق مەنبە تەتقىقاتى، ئۆرنەك ۋەقەلەر ئانالىزى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى خاتىرىلەش، كۈزىتىش ۋە دوكلات قىلىش ، ئۇچۇر ئانالىزى ۋە باشقا نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە تەربىيىلەش ئېلىپ بارىمىز


ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. بۇ قىلمىشلار ئۇ دۆلەتلەردە قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ھېساپلىنىدۇ. خىتايلار بىزگە زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن خەجلىۋاتقان پۇللىرىنى، ئىشلىتىۋاتقان ئادەملىرىنى، ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر قاتارلىقلارنى ئىتىپاقداش دۆلەتلەرگىمۇ قارشى ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش ، ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دېموكراتىك سىستىمىسىغا ئارىلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەتمەكتە. ئۇيغۇرلار بۇ جىنايەت تورلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ياردەم قىلالايدۇ ۋە بايقىغانلىرىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمبەرلەپ بۇ ئورتاق بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشقا تۆھپە قوشالايدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مەجبۇرىيىتىدۇر