بىز كىم


شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش مەركىزى

بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قوغداش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلدۇق. مەقسىتىمىز بارلىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن كەسپىي ۋە ياخشى تەشكىللەنگەن بىر مەركەز قۇرۇشتۇر

مۇھاجىرەتتە بىزنى قارشى ئالغان نۇرغۇن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن كۈچلۈك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مۈشكۈل ۋە ئۆزگىرىشچان دەۋردە، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر چوقۇم ئورتاق تەھدىتكە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك